Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بېدنىي
دائىرە: دۇنيا تارىخى别德内依
bié dé nèi yī
(1883 - 1945) سابىق سوۋېت ئىتىتپاقى شائىرى، ئەسلى ئىسمى ئېفىم ئالېكسېيۋىچ پرىدۋوروۋ. كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1908-يىلى پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات - تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، <روسىيە بايلىقى>، <ئىسكرا گېزىتى> قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلغان. 1912-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. <ھەقىقەت گېزىتى> قاتارلىق گېزىت - ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلغان. 1912-يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. <ھەقىقەت گېزىتى> دا دائىم ساتىرا ۋە مەسەللەر ئېلان قىلىپ، خەلقنى ئىنقىلابىي كۈرەشكە ئىلھاملاندۇرغان. ئىچكى ئۇرۇش ۋە ۋەتەن ئۇرۇشى دەۋرىدە شېئىرلىرى ئارقىلىق خەلق بىلەن قىزىل ئارمىيىنى مەدھىيىلەپ، دۈشمەننى قامچىلىغان. كېيىنكى مەزگىلدە يازغان ئەسەرلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش داۋامىدىكى روھىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئۇنىڭ مەشھۇر شېئىرلىردىن: <ئۇزىتىش>، <چوڭ كوچا>، <سۈرئەت> قاتارلىق.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.