Uyghurئاساسىي لۇغەت
بى بى خانىم مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئۆزبېكىستاندىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى سەمەرقەنتتە. بۇ مەسچىت ئەمىر تۆمۈرنىڭ ھىندىستانغا يۈرۈش ققىلغان تۆھپىسىنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن 1399 - يىلىدىن 1404 - يىلىغىچە سېلىنغان. مەسچىت ھويلىسى ئازاددە، چاسا شەكىلدە ئىشلەنگەن، ئايلانما كارىدورى بار. ئايلانما كارىدورنىڭ لەمپىسىنى 300 دىن ئارتۇق مەمەر تۈۋرۈك ياكى گرانت تاش تۈرۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. چوڭ دەرۋازىسى ھەيۋەتلىك بولۇپ، ئېگىزلىكى 41 مېتىرغا يېتىدۇ. كىرىش ئىشىكى مەسچىتنىڭ يېشىل گۈمبەزلىك ئاساسىي بىناسىغا ئۇدۇل؛ ھويلىنىڭ ئىككى تەرىپىگە كىچىكرەك گۈمبەزلىك بىنالار سېلىنغان. ھويلا چۆرىسىدىكى تامنىڭ تۆت بۇلۇڭىغا تۆت پەشتاق سېلىنغان. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا «قۇرئان كەرىم» قويىدىغان يانتۇ مەرمەر تاش ئورنىتىلغان. قۇرۇلۇشنىڭ سىرتىغا قارا سىرلىق ساپال، موزايكا ۋە گۈل ئويۇلغان مەرمەر تاش چاپلانغان. ئىچى تام رەسىملىرى بىلەن بېزەلگەن. مەسچىتنىڭ ھەجىمى بەك چوڭ بولغاچقا، مەسچىت پۈتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇنىڭ خارابىلىرىدىن ئوتتۇرا ئاسيادىكى بىناكارلىق ئۇستىلىرىنىڭ يۈكسەك ئەقىل - پاراسىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.