Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
八正道
دىن
bā zhèng dào
佛
بۇددا دىنى
سەككىز توغرا يول (قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا: سەككىز ئۆلۈش تۈزۈن يول)
تارىخ
bā zhèng dào
سەككىز توغرا يولDئۇنىۋېرسال
bā zhèng dào
سەككىز توغرا يول
دۇنيا تارىخى
ئارياستانگىكا مارگا
سانسىكرىتچە يېزىقتا ئارىياستانگىكا مارگا دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. بۇددا دىنىدا نىرۋانالىق دەرىجىسىگە يېتىشتىكى ئىستىقامەت ئۇسۇلى. ئادەتتە (1) توغرا كۆز قاراشنى، يەنى نۇرغۇن قالايمىقان خىياللاردىن خالى بولۇپ، «تۆت ئەقىدە» نى ھەقىقەت دەپ بىلىش؛ (2) توغرا پىكىر قىلىش، يەنى «تۆت ئەقىدە» ھەقىقىتى ئۈستىدە پىكىر قىلىش؛ (3) توغرا سۆز قىلىش، ھەرقانداق ئاساسسىز، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىق؛ (4) توغرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، يەنى جىسمانىي ۋە ئېغىر، نىيەت جەھەتتە پاك بولۇش، قاتىللىق، ئوغرىلىق، شەھۋانىيلىق، قالايمىقان خىيال قىلىش، ھاراق ئىچىشتىن ئىبارەت بەش ئىشتىن پەرھىز قىلىش؛ (5) توغرا ياشاش، يەنى ئەقىلغا مۇۋاپىق قانۇنىي تۇرمۇش كەچۈرۈش؛ (6)توغرا ھەم پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش، يەنى نىرۋانالىق ئىستىقامەت ئۇسۇلىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش، باتۇرانە روھ بىلەن توختىماي ئىلگىرىلەش؛ (7) توغرا نىيەتتە بولۇش، يەنى يامان غەرەزدە بولماسلىق، توغرا يولنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماسلىق؛ (8)توغرا ئورۇندا تۇرۇش، يەنى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر نىيەت بىلەن ئېتىكاپتا مىختەك ئولتۇرماق. ئارياستانگىكا مارگا بىلەن تۆت ئەقىدىنىڭ ھەر ئىكىسى بۇددا دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرىگە كىرىدۇ.