Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بازغانچىلار قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
铅锤党起义
qiān chuí dǎng qǐ yì
1382-يىلى پارىژدىكى قول سانائەتچىلەر ۋە ئۇششاق سودىگەرلەر قوزغىغان قوزغىلاڭ. يۈز يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە (1337 - 1453)، فرانسىيە ھۆكۈمىتى ھەربىي خىراجەت تەييارلاش ئۈچۈن، باج - سېلىقنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1382-يىلى 1-ئايدا يەنە ۋاسىتلىك بېجى ئېلىشنى قارار قىلغان. بۇ قوزغىلاغا سەۋەبچى بولغان. 3-ئايدا، تەخمىنەن 40000 قوزغىلاڭچى ھەربىي قورال - ياراق ئىسكىلاتىدىن بازغان قاتارلىق قوراللارنى بۇلاپ (قوزغىلاڭچىلار شۇنىڭ بىلەن <بازغانچىلار> دەپ نام ئالغان)، باجگىرلارنى ئۆلتۈرگەن، بايلار ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۆي - جايلىرىنى ۋەيران قىلغان. دەسلەپ يۇقىرى قاتلام شەھەر ئاھالىسى قوزغىلاڭغا قوشۇلغان، كېيىن ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، قوزغىلاڭچىلار رەھبەرلىرىگە ساتقىنلىق قىلغان. شۇ يىلى 11-ئايدا قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.