Uyghurئاساسىي لۇغەت
بازغان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆمۈرچىلىك سايمىنى، تۆمۈرنى سوقۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بېشى تۆمۈردىن بولىدۇ، سېپى بېشىغا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
« بولقا » كىچىكرەك، « بازغان » چوڭراق بولىدۇ.
بولقاڭنىڭ سېپى بوش بولسا، ئىش بۇزىدۇ. سەندەل بازغاندىن قورقماس.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
باسقۇچى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تۆمۈرچىلىكتە تۆمۈر قاتارلىق مېتاللارنى سوقۇپ، يېسىلايدىغان، بولقىدىن چوڭ ئەسۋاب.
بىز يىل ئۆتكەندە يازغان تۇتۇشنى ئۆگەندىم، يېشىم ئون توققۇزغا يەتكۈچە بازغان سوقتۇم.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، سۇلتان ھاشىمنىڭ ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1983 - يىل 6 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ <غەزەپ ئۆرلىگەندە>، <خەيرۇللانىڭ چۈشى> قاتارلىق ئون نەچچە پارچە ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن. بۇ ھېكايىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىشچىلار تۇرمۇشىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇلاردا ئىشچىلارنىڭ جاپالىق ئەمگەك - ئەجىرلىرى، تۇرمۇش - مۇھەببەت سەرگەزەشتىلىرى بايان قىلىنغان.