Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بازىدىيە
دائىرە: بىئولوگىيە担子
dànzi
بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار بازىدىيە ھاسىل قىلىدىغان تۈزۈلۈش بولۇپ، خالتىلىق سپورا قەۋىتىنىڭ يۈزىدە ئۆسكەن كۆپ ھۈجەيرە ياكى تاق ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ. ئالدىنقىسى تۆت ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، ساڭراۋ قۇلاقتا تۆت ھۈجەيرە ئاستىن - ئۈستىن بولۇپ تۇتىشىدۇ، ھەر قايسى ھۈجەيرىنىڭ يان تەرىپىدە بىر كىچىك سان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىردىن بازىدىيە ئۆسىدۇ؛ ترېمېللا زمبۇرۇغىدا، تۆت ھۈجەيرە يانداش جايلىشىپ پەقەت ئاستى تەرەپتىنلا تۇتىشىدۇ، ھەر قايسى ھۈجەيرىنىڭ ئۇچىدىن بىردىن بازىدىيە ئۆسۈپ چىقىدۇ. كېيىنكىسى كالتەكسىمان ياكى تۈۋرۈكسىمان بولۇپ، پەقەت بىر دانە ھۈجەيرە تۆت دانە بازىدىيىلىك سپورا ئايرىم - ئايرىم ھالدا بازىدىيىنىىڭ تۆت دانە كىچىك سېپىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ. مەسىلەن، موگۇ، بازىدىيىلىك سپورا بازىدىيىنىڭ يادولىرى جۈپلىشىش ۋە سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ؛ بەزىدە مورفولوگىيىلىك شەكلى بازىدىيىگە توغرا كېلىدىغان، ئىچىدىكى يادرولىرى جۈپلەشمەيدىغان ۋە سان كېمەيتىپ بۆلۈنمەيدىغان تۈزۈلۈشمۇ بازىدىيە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، قارا توزان زەمبۇرۇغى قاتارلىقلار.
باغۋەنچىلىك,ئۆسۈملۈك
担子
dàn zi
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.