Uyghurئاساسىي لۇغەت
بازار رەستىسى
دۇنيا تارىخى
چاۋشىيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى شەھەر سودا تەشكىلاتى. بۇ ئەسلىدە كۇرىيە خانلىقى شىزۇڭنىڭ 4-يىلى (1208-يىلى) پايتەخت كېگوڭدا قۇرۇلغان سودا بازىرى رەستىسىدىن كېلىپ چىققان. لى سۇلالىسى دىڭجوڭنىڭ تۇنجى يىلى (1399-يىلى) پايتەخت سېئولدىكى قوڭغۇراق كوچىسىدا رەستە ئېچىلىپ، سودا دۇكانلىرى ياسىلىپ، سودىگەرلەرگە ئىجارىگە بېرىلىپ، بەلگىلەنگەن باھا بويىچە ھۆكۈمەتنى زۆرۈر ماللار بىلەن تەمىنلەش شەرتى بىلەن ئۇلارغا خاس بىر خىل مال سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمتىيازى بېرىلگەن. بۇ خىل سودىدا ئالتە كەسپىي ساھە بار بولۇپ، بۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ئېھتىياجىغا يىقىن ئۆزگىرىپ تۇرغان. ھەرقايسى رەستىلەردە كەسپىي تەشكىلاتلار بولۇپ، دۇجۇڭ دەپ ئاتالغان. قاتناشقۇچىلار قاتنىشىش فوندى ۋە ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرغان. ھۆكۈمەت ئۇلاردىن رەستە بېجى ئالغان. بازار رەستىسى ئۆزلىرىنىڭ خاس مەنپەئىتىگە دەخلى -تەرۇز قىلغۇچىلارنى قولغا ئېلىش، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە ھەتتا ئېغىرلىتىپ جەرىمانە قويۇشتەك ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولغان. بازار رەستىسى تۈزۈمى شەھەر سودىسىنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلۋېلىپ، خۇسۇسىي سودىگەرلەرنى باسقانلىقتىن، ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىغا توسقۇن بولۇپ قالغان. 1894-يىلدىكى جياۋۇ ئىسلاھاتى ۋاقتىدا بازار رەستىسىنىڭ ئىمتىيازى بىكار قىلىنغان.