Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بائۇئېر
دۇنيا تارىخى
鲍威尔
bào wēi ěr
(1809 - 1882)، گېرمانىيىلىك ئىدېئالىست پەيلاسوپ، تارىخشۇناس، ياش گېگېلچىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى. 1934 - 2184-يىللاردا بېرلىن، بونن داشۆلىرىدە ئىلاھىيەت لېكتورى بولۇپ، <يوھان ئىنجىل تارىخىغا تەنقىد>، <ئوخشاش نۇقتىئىنەزەردىكى ئىنجىل كىتابى ئاپتورنىڭ ئىنجىل تارىخىغا تەنقىد> دېگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ نام چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئەسەرلەردە چېركاۋنى تەنقىد قىلىپ، ئەيسانىڭ تارىخىي چىنلىقىنى ۋە ئىنجىل ھېكايىلىرىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىنى ئىنكار قىلىپ، دىنىي قائىدە - نىزاملارغا چېقىلغانلىقى ئۈچۈن، 1842-يىل بونن داشۆسىدىكى خىزمىتىدىن بوشىتىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن تەركىدۇنيا بولۇپ، مەخسۇس تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. پەلسەپەدە <چەكسىز مەندىكى ئاڭ> نى گېگېلنىڭ <مۇتلەق ئىدىيە> سىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. تارىخىي كۆز قاراش جەھەتتە، تەنقىدىي شەخسىي <مەندىكى ئاڭ> دۇنيا تارىخىنى يارىتىدىغان ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، دەپ قارىغان ھەمدە مەدەنىيەت بىلىمىگە ئىگە ئاتالمىش <تەنقىدچىلەر> بىلەن خەلق ئاممىسىنى قارىمۇقارشى قىلىپ قويۇپ، ئالدىنقىلارنى <روھ> نىڭ ۋەكىلى، كېيىنكىلەرنى تارىخ تەرەققىياتىنىڭ توسالغۇسى، <توختاپ قالغان ماددا> دەپ ئاتىغان. دەسلەپتە ئۆزىنى بۇرژۇئا رادىكالى دەپ ھېسابلىغان، كېيىن كونسېرۋاتىپقا ئايلىنىپ كەتكەن ھەمدە بىسماركنىڭ كەتمىنىنى چاپقان. ماركس بىلەن ئېنگېلس<مۇقەددەس ئائىلە>، <نېمىس ئىدېئولوگىيىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۇنى ئۈزۈل - كېسىل تەنقىد قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى <ⅩⅧ ئەسىرنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە مەرىپەت تارىخى>، <ناپولېئون دەۋرىدىكى گېرمانىيە تارىخى ۋە فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ تارىخى>، <ئىنجىلغا تەنقىد ۋە ئىنجىلنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.