Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بائىللىي
دۇنيا تارىخى
巴伊
bā yī
(1736 - 1793) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئاسترونوم. ئىنقىلابتىن كېيىن ئاسترونومىيە تەتقىقاتىدا داڭقى چىققاچقا، فرانسۇز پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان (8317). 1789-يىلى پارىژ ئۈچىنچى دەرىجىلىكلەر ۋەكىللىكىگە سايلىنىپ، ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ رەئىسى بولغان. 6-ئاينىڭ 17-كۈنى خەلق پارلامېنتىغا سايلىنىپ، پارلامېنتنىڭ تۇنجى باشلىقى بولغان. 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، مەشھۇر <سېتكا توپ مەيدانى قەسەمياد يىغىنى>غا رىياسەتچىلىك قىلغان. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، پارىژنىڭ تۇنجى شەھەر باشلىقى بولغان؛7-ئاينىڭ 27-كۈنى، لافايېتتى بىلەن بىللە پارىژغا قايتقان كۇرۇلنى كۈتۈۋالغان. 1791-يىلى 6-ئايدا، كۇرۇل چەت ئەلگە قاچقىنىدا تۇتۇلۇپ قامالغاندىن كېيىن، مۇنارخسىتلار مەيدانىدا تۇرۇپ، مارس مەيدانىدىكى قىرغىنچىلىق ۋەقەسىگە قاتناشقان. 11-ئايدا، خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن. كېيىن پەن تەتقىقات ھەمدە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 7931-يىلى 11-ئايدا ئىنقىلابىي سوت تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ <يۇپېتېر ھەمراھىنىڭ پرىنسىپلىرى>، <يۇپېتېرنىڭ ھەمراھى يورۇقلۇقنىڭ تەكشىلىكى ۋە يېتەرسىزلىكى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى>، <ئاسترونومىيە تارىخى>، <ئىنقىلابنى كۆرگەن بىر گۇۋاھچىنىڭ ئەسلىمىسى> قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى بار.