Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
拔牙者起义
دۇنيا تارىخى
چىش تارتقۇچىلار قوزغىلىڭى
ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى برازىلىيە خەلقىنىڭ پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مەخپىي ھەرىكىتى. 1788-يىلى، مىناس جېرائىس ئوبلاستىدا قوراللىق مەخپىي تەشكىلات قۇرۇلۇپ. <چىش تارتقۇچى> دەپ ئاتالغان چىش دوختۇرى شاۋېر سىلۋا ئۇنىڭ رەھبىرى بولغان. تەشكىلات ئاساسەن زىيالىيلار ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلاردىن تەركىپ تاپقان، مىللىي مۇستەقىللىق، جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ۋە قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قلىشنى تەشكىلاتنىڭ شوئارى قىلغان. ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ، زور كۆپچىلىك ئەزارلىرى قامالغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان، شاۋېرسىلۋا 1792-يىلى قەھرىمانلارچە قۇرباب بولغان، لېكىن قوزغىلاڭ برازىلىيە مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنىڭ پەردىسىنى ئاچقان.