Uyghurئاساسىي لۇغەت
باخرۇشىن
دۇنيا تارىخى
(1882-1950)سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخشۇناسى، 1904-يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن ئۇزۇن مۇددەت بۇ ئۇنۋېرسىتتا دەرس ئۆتكەن، 1927-يىلى پروفېسسور بولغان. 1937-يىلدىن باشلاپ بىر ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلغان. 1939-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە مۇخبىر ئاكادېمىك بولغان. ئاساسلىقى روسىيىنىڭ فېئوداللىق جەمئىيىتى تارىخىنى تەتقىق قىلغان. بۇنىڭ چېتىشلىق دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ⅩⅥ ئەسىردىن ⅩⅦ ئەسىرگىچە بولغان روسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار تارىخى، چېگرا رايونلار تارىخ، ئىقتىساد تارىخى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان، بولۇپمۇ سىبىرىيە تارىخى جەھەتتىكى تارىخى چوڭقۇر بولغان. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە يازغان40 نەچچە ئەسىرى بولۇپ، سىبىرىيىنىڭ تارىخىي ماتىرىياللىرى جەھەتتە بولسۇن، تارىخ يېزىش جەھەتتە بولسۇن، تارىخىي جۇغراپىيىسى، سىبىرىيىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ۋە روسىيىنىڭ سىبىرىيىدىكى مۇستەملىكىچىلىك تارىخى قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك تۆھپىسى بار. ئۇنىڭ <1648-يىلدىكى موسكۋا قوزغىلىڭى>، <16 - ۋە 17 -ئەسىردە پۈتۈن روسىيىدىكى بازارنىڭ شەكىللىنىش ئالدىنقى شەرتى>،<16 -ئەسىردىن 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر ھوقوقنى مەركەزلەشتۈرگەن روسىيە دۆلىتىدىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سۇدا، شەھەر تارىخى> قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.