Uyghurئاساسىي لۇغەت
باۋارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخىيەنە ميۇنخېن سوۋېت جۇمھۇرىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىنقىلابى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەندە، باۋارىيە شتاتىدىكى پرولېتارلار پايتەخت ميۇنخېندا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، كومپارتىيە ئەزالىرى باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنغان، سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇرژۇئازىيىنى قورالسىزلاندۇرۇپ، قىزىل گۋار - دىيىچىلەر بىلەن قىزىل ئارمىيە تەشكىللىگەن ھەمدە ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى، تەقسىماتنى نازارەت قىلىشىنى يولغا قويغان، بانكا ۋە تۆمۈريولنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋالغان. بىراق ئىشچى - دېھقانلار ئىتتتىپاقىنى مۇستەھكەملىمىگەنلىكى ۋە ئەكسىلئىنقىلابنى تەلتۆكۈس باستۇرمىغانلىقى، مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭچىلىرى يەن ئىچكى قىسىمدا بۇزغۇنچىلىق قىلىنغانلىقىدىن،5-ئاينىڭ 1-كۈنى فېدېراتىپ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابى ئاخىرلاشقان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.