Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
باۋارىيە
دۇنيا تارىخى
巴伐利亚
bā fá lì yà
بايېرن. سابىق گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىدكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ شتات. ئورنى شەرقىي جەنۇبتا. مەركىزى ميۇنخېن. ئەسلىدە گوتلار ئولتۇراقلاشقان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. مىلادى Ⅴ - Ⅳ ئەسىرلەردە، گېرمانلارنىڭ باۋارىئى قەبىلىسى بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، باۋارىئى دېگەن ئىسم شۇنىڭدىن كەلگەن. مىلادى 788-يىلى ئىمپېراتور كرولوس بۇ جاينى ئىگىلەپ، كارولوس ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان. مىلادى 843-يىلى كارولوس ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، شەرقىي فرانكې پادىشاھلىقىغا ئايرىپ بېرىلگەن. ⅩⅠ ئەسىردە كىنەزلىك بولغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يۇقىرى باۋارىيە ۋە تۆۋەن باۋارىيىگە بۆلۈنگەن. يۇقىرى باۋارىيە كىنەزى لۇئى 1328-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى پادىشاھى، يەن لۇئى Ⅳ (باۋارىيىنىڭ) بولۇپ سايلانغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يۇقىرى باۋرىيە ۋە تۆۋەن باۋارىيە قايتىدىن بىرلەشكەن. دىنىي ئىسلاھات مەزگىلىدە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1609-يىلى، كىنەز ماكمىللان Ⅰ كاتولىك دىنى ئىتتىپاقى تەشكىللىگەن، كېيىن 30-يىللىق ئۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشقان (1618 -8164). 1623-يىلى باۋارىيە كىنەزى كورۇل سايلاش كىنەزى ئورنىغا ئېرىشكەن. 1948-يىلدىكى <ۋېستفالىيە كېلىشىمى> گە ئاساسەن، باۋرىيە يۇقىرى پوۋلاست (بالدىن) غا ئىگە بولغان. 1806-يىلى پادىشاھلىققا ئۆزگەرتىلگەن. 1871-يىلى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىگە قوشۇۋېتىلگەن.
ئۇنىۋېرسال,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
巴伐利亚
bā fá lì yà
دۇنيادىكى شەھەرلەر
巴伐利亚
bā fá lì yà
بايېرن (拜恩 Bayern) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تارىخىي ۋە مەمۇرىي رايون. ئۇ ئالىپ تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، گېرمانىيە بويىچە يەر ۋازىيىتى ئەڭ ئېگىز رايون، ئۇنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى دېڭىز يۈزىدىن 2963 مېتر ئېگىز تۇرىدۇ. باۋارىيە 9 - ئەسىردە كارىل ئىمپېرىيىسى تارمار بولغاندىن كېيىن قۇرۇلغان مۇستەقىل تۆت كىنەزلىكىنىڭ بىرى بولۇپ، 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پادىشاھلىق دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان، 1815 - يىلدىكى ۋېنا يىغىنىدىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ بىر ئەزاسى بولغان. 1871 - يىلى پرۇسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدا پرۇسىيە بىلەن فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان، ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيە فېدېراتسىيىسىگە قاتناشقان. باۋارىيە گېرمانىيىنىڭ مۇھىم سانائەت، يېزا ئىگىلىك رايونى، بۇ جايدا ئېلېكترون، ئېلېكتر، نازۇك ئەسۋابلار، ھەربىي سانائەت مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېمەك - ئىچمەك، ئەنئەنىۋى فارفور بۇيۇملىرى، كان سانائەت مەھسۇلاتلىرىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ رايوندىكى ميۇنخېن شەھىرى گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر ھەرخىل ھەربىي قورال - يراق ئىشلەپچىقىرىشتا گېرمانىيە بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاۋگسبۇرگ، نيورنبېرگ، رېگېنىسبۇرگ قاتارلىق مۇھىم سانائەت مەركەزلىرى بار.