Uyghurئاساسىي لۇغەت
باتىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بۇزۇق، بۇزۇلغان؛ بوش، قۇرۇق:
ئاساسسىز، بىھۇدە؛ ناتوغرا، ناھەق:
يالغان، ساختا:
1. ئىلاھا باتىل ئىشلاردىن ماڭا بەرگىل پۇشەيمانلىق.
ئەھمەد يەسەۋى.
2. قازىلار پەتۋايى بەريان ھەقنى باتىل قىلدىلار،
كۇفر ئېتىپ ئىمانە كەلمەس، كەلمەكىكە ئار ئتەدىلەر.
موللا مۇھەممەد نىيازى.
3. تەمبۇرەنىڭ باتىلە پەرۋەردەسىن،
يىرتايىن ئول باشتىن - ئاياغ پەردەسىن.
ئەھمەدى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بۇزۇلغان، بۇزۇق، بىكار قىلىنغان، بىھۇدە، خاتا، ئاساسسىز. پايدىسىز، ئۈنۈمسىز، كېرەكسىز، قۇرۇق؛ يالغان: باتىل ئەيلىمەك - يوق قىلماق، يوققا چىقارماق، بۇزماق.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىسلام دىنىدا قوللىنىلىدىغان ئەرەبچە سۆز بولۇپ، « ساختا»، « يالغان »، « قىممىتى يوق »، « ئۈنۈمى يوق » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. (1) ھەقنىڭ تەتۈرىسى بولۇپ، ئىسلام ئەقىدىسىگە خىلاپ ھەممە بىدئەت سۆزلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن، 17 _ سۈرىنىڭ 81 _ ئايىتىدىكى « ھەقىقەت ( يەنى ئىسلام ) كەلدى، باتىل ( يەنى كۇفر ) يوقالدى » دېگەن سۆزدە تىلغا ئېلىنغان « ھەقىقەت » ئىسلام دىنىنى كۆرسىتىدۇ. « باتىل » ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى تونۇشقا زىت بولىدىغان ھەممە خاتالىقلارنى كۆرسىتىدۇ. (2) شەرىئەتتە ئىناۋەتسىز، دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ئىشلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن، نىكاھى مۇتئە سۈننىي مەزھىپىنىڭ شەرىئىتىدە ئىناۋەتسىز، دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. (3) ھەممە ساختا نەرسىلەر مەسىلەن، ئىشەنچىسىز رىۋايەت، يالغان ۋەدە ۋە چىن، سەمىمىي بولمىغان ھېسيات قاتارلىقالار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. (4) پانىي ئالەمنىڭ تۇرمۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىسلام دىنى پانىي ئالەمنى ۋاقىتلىق، باقىي ئالەمنى مەڭگۈلۈك، دەپ قارايدۇ. شۇڭا تەقۋادار مۇسۇلمانلار پانىي ئالەمنىڭ ھەشەمەتچىلىكىنى « باتىللىق » دەپ قاريدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
يېزت ئىناۋەتسىز؛ يالغان.
- مۇبادا بۇنىڭغا پېقىر ۋە مېنىڭ ئەۋلادىم نارازى بولۇپ دەۋا قىلسا، يۇرت شەرئى ئالدىدا دەۋاسى باتىل بولغاي، - دېگەن گەپلەر يېزىلىپتۇ.
قۇۋ، ھىيلىگەر.
سايىت ئاشۇنداق بىر تۈرلۈك ھىجايغىنىدا ئۇنىڭ ئىگىسىنى ئالىدىغان قۇشنىڭكىدەك باتىل كۆزلىرى ئەجەب بىر ياڭزا چىمىرلايتتى.