Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
باستىئات
دۇنيا تارىخى
巴师鹌夏
bā shī ān xià
(1801 - 1850). فرانسىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، چاكىنا ئىقتىسادشۇناسلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ماسلىق نەزەرىيىنى تەكىتلىگۈچى. ئۇ فرانسىيىنىڭ جەنۇبي قىسمىدىكى بىر ھاراق سودىگىرى ئائىلىسىدە توغۇلغان. دەسلەپتە سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن يەرلىك تەپتىش بولغان. كېيىنچە ئىقتىسادشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەركىن سودىنى ئاكتىپ تەرغىپ قىلغان. ئەركىن ئالماشتۇرىدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما داۋامىدا، كىشىلەر ئۆزئارا مۇلازىمەت قىلىشسا، پايدا - زىيان توقۇنۇشى بولمايدۇ، شۇندىلا ئىقتىسادىي ماسلىققا يەتكىلى بولىدۇ. قىممەت - ئالماشتۇرۇلىدىغان ئىككى خىل مۇزلازىمەت قىلىنغۇچىنىڭ تىرىشچانلىق ۋە جىددىيىلىكتىن قۇتۇلۇش دەرىجىسىدىن ئىبارەت. ئۆسۈم - كاپىتال بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ ئۆز ئىستېمالىنى كېچىكتۈرۈش بەدىلىگە ئېرىكشەن ھەق. يەر ئىجارىسى - يەرگە ئىگە بولغۇچىنىڭ، يەرگە مەبلەغ سېلىپ ئىگە بولىدىغان ئۆسۈمى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە مۇلازىمەت مۇلازىمەتكە ئالماشتۇرۇلىدۇ دەپ قارىغان. قوغدانمىچىلىق سىياسىتى مونوپولىيىنى تەشەببۇس قىلغاچقا، ئەركىن سودىغا توسالغۇ بولىدۇ، شۇڭا ئىقتىسادىي ماسلىققا توسالغۇ بولىدۇ؛ ئەركىن ئالماشتۇرۇش كىشىلەرنىڭ ھەقلىق مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئازايتىپ، تەبىئىي ھەقسىز مۇلازىمەتنى ئاشۇرۇپ، خۇسۇسىي ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز چېكىندۈرىدۇ ۋە ئومۇمىيلىق ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا كوممۇنىزمغا يەتكىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ <ئىقتىسادىي نەيرەڭۋازلىق توغرىسىدا>، <ئىقتىسادىي ماسلىق نەزەرىيىسى> قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار