Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
باستىلىيە تۈرمىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى巴士底狱
bā shì dǐ yù
فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى بىر قەلئە تۈرمە. 1370-يىلى ياسىلىشقا باشلاپ 1382-يىلى پۈتكەن. پۈتكۈل قەلئە غايەت زور سەككىز مۇناردىن تەركىب تاپقان. مۇنارلار ئېگىزلىكى 24-مېتىر، كەڭلىكى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان سېپىل ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ ئوتتۇرىسىدا چوڭ ھويلا بار. تۆت تەرىپىگە 26 مېتىر كەڭلىكتە، سەككىز مېتىر چوڭقۇرلۇقتا خەندەك كولانغان. ياسالغاندىن كېيىنكى ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئىزچىل تۈردە ھەربىي ئىشلار قىزغىنىلىق ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئاساسەن چەتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلاردىن قوغدىنىلىغان. ⅩⅦ ئەسىردىن باشلاپ مەخسۇس سىياسىي مەھبۇسلارنى سولايدىغان دۆلەت تۈرمىسى بولغان. فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. 1789-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى پارىژ خەلقى باستىلىيە تۈرمىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى باشلىغان. كېيىن يەنە ئۇنى بۇزۇۋېتىپ، ئورنىغا باستىلىيە مەيدانى ياسىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.