Uyghurئاساسىي لۇغەت
باسقۇچ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم («باس Ⅱ نىڭ 8 -» سىگە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «قۇچ» قوشۇلغان).
شوتا ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر پەلەمپىيى، بالدىقى، پەللىسى.
ئۆگزىگە باسقۇچتا چىقىپ كېتىۋاتاتتىم، يۇقىرىدىكى ئالتىنچى باسقۇچقا چىققاندا بېشىم قېيىپ كەتتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تەرەققىياتنىڭ مەلۇم دەرىجىسى، پەللىسى. * دەسلەپكى باسقۇچ، تارىخىي باسقۇچ، يۇقىرى باسقۇچ. * سوتسىيالىزمنىڭ ئىپتىدائىي باسقۇچى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يازغان خەتنىڭ سىياھى يېيىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، سۈمۈرگۈچ قەغەز ئورنىتىلغان، سىياھنى سۈمۈرتىدىغان ئەسۋاب.
_ سىياھ تۆكۈلۈپ كەتتى، باسقۇچ قېنى؟ _ دېدى تۇرسۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرى - تۆۋەنگە چىقىش - چۈشۈش ئۈچۈن ياسالغان، پەلەمپەيلىك مەخسۇس سايمان.
«باسقۇچ» لوپنۇر دىئالېكتىدا «شوتا» مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. «باسقۇ» مۇ دېيىلىدۇ.
شوتىنىڭ ئىككى بېشى بار. ھەقىقەت شەيئىلەرنى تونۇشتىكى قورال، كىشىلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە يۇقىرى ئۆرلەش يولىدىكى شوتا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پەلەمپەينىڭ ھەربىر پەللىسى.
ئۇ پەلەمپەيدىن بىرقانچە باسقۇچ چۈشۈپ توختىدى.
كۆچمە. تەرەققىياتنىڭ ھەربىر پەللىسى، دەۋر.
ئىنقىلابىمىز ئىككى باسقۇچتىن ئۆتتى، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۈچىنچى باسقۇچقا كىردى.
<گېئول> بىرەر دۆلەت ياكى بىرەر چوڭراق رايون دائىرىسى ئىچىدىكى ئەسىردىن كىچىك بولغان گېئولوگىيىلىك ۋاقىت بىرلىكى.
كۆچمە. دەرىجە.
ئۇنىڭ كېسىلى خەتەرلىك باسقۇچتا كېلىپ قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تۆكۈلگەن سىياھنى سۈمۈرۈش، قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۈمۈرگۈچ قەغەز ئورنىتىلغان ئەسۋاب.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. شوتا.