Uyghurئاساسىي لۇغەت
باسماقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يول يۈرمەك، دەسسىمەك، ماڭماق:[مىسال:] ئەل باسمىغان يەردە كۆپ يۈرمە (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە، ئىچىگە باشقا نەرسىنى قاچىلىماق، جايلاشتۇرماق:[مىسال:] ماشىنىغا ئوغۇت باسماق.[يەشمىسى:] ③ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ كۈچ بىلەن نىقتىماق:[مىسال:] ئاسىم ئۇنىڭ مۇرىسىدىن باستى.[يەشمىسى:] ④ قاپلىماق، ئورىماق:[مىسال:] ئايرىلغاننى قارا باسار، بۆلۈنگەننى بوران (ماقال). * ھاۋانى تۇمان باستى.[يەشمىسى:] ⑤ نەشر قىلماق:[مىسال:] مەن بولسام يازىمەن، ماۋۇ ئاغىنەم تۇردى بولسا كىتاب-ماقالە باسىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ ئۈستۈن كەلمەك، ئارتىپ كەتمەك، ئېشىپ چۈشمەك:[مىسال:] نەيگە تەڭكەش قىلىنغان بىر غېجەكنىڭ ئاۋازى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۇنى نەينىڭ ئاۋازى بېسىپ كەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ⑦ ياقماق، تەگكۈزمەك:[مىسال:] باغرىغا باسماق.[يەشمىسى:] ⑧ بىرنەرسىنى ئىككىنچى بىرنەرسىنىڭ ئۈستىگە بېسىپ ئىز چىقارماق، تىكمەك:[مىسال:] كەشتە باسماق. تامغا باسماق.[يەشمىسى:] ⑨ پەسەيتمەك، تىنچىتماق، ھاي بەرمەك، يالتايماق:[مىسال:] ئۆزىنى باسماق.[يەشمىسى:] 01 ئۇرماق:[مىسال:] دەررىگە باسماق.[يەشمىسى:] 11 ئۈستى-ئۈستىگە قويماق، تەخلىمەك:[مىسال:] چۆپ باسماق.[يەشمىسى:] 21 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زورلۇق بىلەن مەنئى قىلماق، توسماق، تىنچىتماق:[مىسال:] ئاممىنىڭ پىكرىنى باسماق.