Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
باش خوردىلىق ھايۋانلار
بىئولوگىيە
头索动物
tóusuǒdòngwù
<باشسىزلار> - (Acrania) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خوردىلىق ھايۋانلار تىپىدىكى بىر كەنجى تىپ. ئۇ بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىلىك، دەسلەپكى خوردىلىق ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. خوردىلىق ھايۋانلارنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرى يەنى خوردا، دۈمبە نېرۋا نەيچىسى ۋە يۇتقۇنچاق ژابرا يېرىقچىلىرى ئۆمۈر بويى ساقلىنىدۇ. خوردىسى پۈتۈن تېنىنى ئۇزۇنىغا بېسىپ ئەڭ ئالدى ئۇچىغىچە يېتىپ بارغاچقا شۇنداق ئاتالغان. ئۇلار سۇدا ئانچە ئۈزەلمەيدىغان، دائىم قۇمغا يوشۇرۇنۇپ ياشايدىغان دېڭىز ھايۋانلىرى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېڭىز ساھىللىرىغا، بولۇپمۇ شىمالىي كەڭلىك 48 گرادۇستىن جەنۇبىي كەڭلىك 40 گرادۇس ئارىلىقدىكى جايلارغا كەڭ تارقالغان. ئانچە ھەرىكەت قىلالمايدىغان تۇرۇپمۇ تارقىلىشنىڭ بۇنداق كەڭ بولۇشى ئۇلارنىڭ بىر توپ ئىپتىدائىي قەدىمكى ھايۋان تۈركۈملىرىدىن ئىكەنلىكىنى چۈشۈندۈرىدۇ. باش خوردىلىق ھايۋانلار ئاران باش خوردىلىقلار سىنىپنىلا (Cephalochorda) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ سىنىپ <تار يۈرەكلىكلەر سىنىپى> (Letocardii) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈرلىرى ناھايىتى ئاز. مەملىكىتىمىزنىڭ شيامېن، چىڭداۋ قاتارلىق جايلىرىدىن زىخچە بېلىق چىقىدۇ. يېسسا زىخچە بېلىقى (Asymmetron) ئاساسەن ئافرىقىنىڭ شەرقىي دېڭىز بويلىرىغا، سىرىلانكا، سۇماترا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. دۆلىتىمىزنىڭ شەنتۇ، جۇجياڭ ئېغىزى، خەينەنداۋ ھەم بوخەي قولتۇقى قاتارلىق جايلىرىدىمۇ تېپىلىدۇ. ئۇنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى كۆپىيىش بېزى جۈپ بولماستىن بەدىنىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىلا بولىدۇ. ياۋروپادىكى ئوتتۇرا دېڭىز ھەم قارا دېڭىز بويلىرىدىن (Branchiostoma lanceolatum) چىقىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ساندېئوگودىن چىقىدىغان كالىفورنىيە زىخچە بېلىقى (Branchiostoma californiense) ھازىر مەلۇم بولغان تۈرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن بىر تۈر ھېسابلىنىدۇ. باش خوردىلىق ھايۋانلاردا خوردىلىق ھايۋانلارنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرى بولغانلىقى، يۈرەك نەيچىسى ۋە كۆپىيىش بەزلىرىنىڭ بوغۇملىنىشى بولسا، ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن ھايۋانلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم بىر باغلىنىش ھالقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.