Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ ۋە ئالداپ زەھەر چەكتۈرۈش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
引诱,教唆,欺骗他人吸毒罪
yǐn yòu ,jiào suō ,qī piàn tā rén xī dú zuì
بۇ - باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ ۋە ئالداپ زەھەرلىك بۇيۇم چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل قىلىپ سالدۇرغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە باشقىلارنىڭ تەن ساغلاملىقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ھەرخىل ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ ۋە ئالداپ زەھەر چەكتۈرگەن قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
353 - ماددا باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ ۋە ئالداپ زەھەرلىك بۇيۇم چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل قىلىپ سالدۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
باشقىلارغا زورلاپ زەھەرلىك بۇيۇم چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل قىلىپ سالدۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ، ئالداپ ياكى زورلاپ زەھەرلىك بۇيۇم چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل سالدۇرغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
356 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <>مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات> نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى
(1994 - يىل 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
س[1994] 30 - نومۇرلۇق
9. باشقىلارنى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە قىزىقتۇرۇش، ئۆگىتىش، ئازدۇرۇش جىنايىتى
<قارار> 7 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، باشقىلارنى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە قىزىقتۇرۇش، ئۆگىتىش، باشقىلارغا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ، ئوكۇل قىلىپ ھۇزۇرلىنىش ئۇسۇللىرىنى تەرغىپ قىلىپ، ئۇلارنى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە، ئوكۇل قىلىشقا قىزىقتۇرۇش، كۈشكۈرتۈش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. باشقىلارنى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە ئازدۇرۇش، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ياكى ساختا قىياپەت پەيدا قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، باشقىلارغا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈزۈش، ئوكۇل قىلدۇرۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ، تاللاش خاراكتېرلىك جىنايەت نامى بولۇپ، باشقىلارنى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە، ئوكۇل قىلىشقا قىزىقتۇرۇش، ئۆگىتىش، ئازدۇرۇش قىلىمشلىرىدىن بىرنى سادىر قىلغانلارنىڭ جىنايىتى بۇ جىنايەت نامى بويىچە بېكىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىدىن ئارتۇق قىلمىشنى سادىرقىلغانلارغا قوشۇپ جازا بېرىلمەستىن، سادىر قىلغان قىلمىشلىرىنى قوشۇپ، بىر جىنايەت نامى قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
قىزىقتۇرۇش، ئۆگىتىش، ئازدۇرۇش نەتىجىسىدە زەھەرلىك چېكىملىك چەككەن، ئوكۇل قىلغانلارنىڭ كېيىن خۇمار بولۇپ قېلىش - قالماسلىقى تۈپەيلىدىن، بۇ جىنايەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر يەتمەيدۇ.