Uyghurئاساسىي لۇغەت
باشقىلارنىڭ جۇۋىسىدا تەرلىمەك
دائىرە: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەرباشقىلارنىڭ ئەمگىكى ھېسابىغا مەنپەئەت كۆرمەك، باشقىلارنىڭ ئابرۇيى ھېسابىغا ھۆرمەت قازانماق: - شىركەتلەر قوشۇلۇپ كەتسە بېيىپ قالىمەن دەپ خام خىيال قىلما! باشقىلارنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەش بۇ ئانچە ئابرۇي ئەمەس، بىلىپ قوي! - دېدى ئەكبەر ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.