Uyghurئاساسىي لۇغەت
باشقىچە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باشقىلىرىغا ئوخشىمايدىغان، ئادەتتىكىدىن باشقاراق.
ئۆزگىچە يول تۇتقان ئوزار. ئۇ مەسىلىنى باشقىچە ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلدى. باھارگۈل بۆلەكچە ياسىنىۋاپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان، ئۆزدىن غەيرىي، ئايرىم تەرزدە.
باشقىچە يول تۇتۇش كېرەك. ئەلدىن بۆلەكچە بولساڭ، ئاۋايلا. ئۆزگىچە تۇرمۇش كەچۈرۈش تەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
باشقىلاردىن بىرەر جەھەتتىن ياكى پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان؛ ئۆزگىچە، بۆلەكچە.
چىش باشقىچە ئاغرىيدۇ، كۆز باشقىچە (ماقال).
ئالاھىدە، پەۋقۇلئاددە.
شۇنىڭ بىلەن نەچچە يىلدىن بېرى پەرۋىش قىلىنماي كەلگەن مېۋىلەر بۇ يىل باشقىچە ئوخشاپ كەتتى.