Uyghurئاساسىي لۇغەت
باشقا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزدىن غەيرىي، ئۆزگە يات.
ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، باشقىنى شىر چاغلا، ئۆيى باشقىنىڭ مۇڭى باشقا. ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي. نېمىشقا لازىم ئۆزگىگە تايانماق، ئۆزگىگە تايىنىپ تەستۇر جان باقماق. تۈتۈنى بۆلەكنىڭ تۆشۈكى بۆلەك.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆزدىن بۆلەك، ئۆز ھېسابلانمايدىغان.
ئۆز
ئۆزى، ئۆزىگە ياتىدىغان.
ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلگەن يېڭىلمەيدۇ. ئۆگەي ئانىنىڭ قۇشلىغىنىدىن ئۆز ئانىنىڭ مۇشتلىغىنى ياخشى. ئاناڭ ئۆگەي بولسا، ئاتاڭ ئۆزۈڭنىڭ ئەمەس. ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي، كۆتۈڭنى قىس، يولۇڭغا ماڭ. پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا ئۆزگىگە (سال). ئۆزگىگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. يات يېگۈچە، ئۆز ئۆلگۈچە. ئالدىدىكى ئۆزنى كۆرمەي، يىراقتىكى ياتنى كۆرۈپتۇ. يامۇلنىڭ ئىشىكى يوچۇن، كىرەلمەيسەن پۇلۇڭ يوق ئۈچۈن. باشقىنى خورلىغىنىڭ - ئۆزۈڭنى ئويلىمىغىنىڭ. كىشىنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەپتۇ. خەقنىڭ ئىشى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. بىراۋنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ ئورنىغا قوي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. يات، غەيرىي؛ بىراۋ؛ بۆلەك. ئۆزگە.
ئويى باشقىنىڭ مۇڭى باشقا (ماقال).
رەۋ. قايتا. يەنە.
ئويى باشقىنىڭ مۇڭى باشقا (ماقال).
رەۋ.
قايتا. يەنە.
بۈگۈن ياخشى قارىيالمىدىم، باشقا كەل.
تىر. تاشقىرى، سىرت.
- شۇ ئېيتقانلىرىمدىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيمەن، - دېدىم.