Uyghurئاساسىي لۇغەت
باشلا
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
باشلىماق، باشلاش. 1 . بىرەر ئىش - ھەرىكەتكە كىرىشمەك.
كىشىلەر كېلىشكە باشلىدى. * سەن ناخشا باشلا. * مەجلىسنى باشلايلى.
2 . باش بولۇپ، ئەگەشتۈرۈپ ماڭماق. ئۆيگە باشلاي، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ كەلدى. * ئەسكەر باشلىغاندىن توي باشقۇرماق تەس (ماقال). * ياخشى ئەر ئېلىنى ئۆزگە باشلايدۇ، يامان ئەر ئېلىنى گۆرگە باشلايدۇ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
باشلىماق، باشلاش. ئاياغ كىيىملەرگە باشلىق سالماق.
ئۆتۈكلىرىنى ئەكەلسىلە، باشلاپ بېرەي.