Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بارتولد
دائىرە: دۇنيا تارىخى巴尔托里德
bā ěr tuō lǐ dé
(1869 - 1930) روسىيىلىك شەرقشۇناس. 1891-يىلى پېتېربورگ ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن ئۇزۇن مۇددەت بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتۇش تەتقىقاتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، 1900-يىلى شەرق تارىخى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1901-يىلىدىن باشلاپ پروفېسسور بولغان. 1913-يىلى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان، ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن شەرقشۇناسلار كومىتېتىغا ۋە بۇ كومىتېتنىڭ ژۇرنىلىغا رەھبەرلىك قىلغان. شەرقشۇناسلىق كۇتۇپخانىسىنى قۇرغان. كۆپ خىل شەرق تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن، يۇقىرى مەلۇماتلىق ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى، ئەرەب تارىخى ۋە ئىسلام دىنى تارىخ تەتقىقاتىدا كۈچ سەرپ قىلىپ، كاتتا ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇنىڭ: <موڭغۇل ئىستېلاسىدىن بۇرۇنقى تۈركىستان>، <1855 - 5190-يىللىرىدىكى پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق تىللىرى فاكۇلتېتى پائالىيىتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان>، <ياۋروپا بىلەن روسىيىنىڭ شەرقشۇناسلىق تارىخى>، <خەلىپە ۋە سۇلتان>، <ئىسلام دىنى>، <ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى>، "ئىسلام دىنى دۇنياسى قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار. كۆپ توملۇق ئەسەرلىرى بار.
دائىرە: دىنى سۆزلۈكلەرئىسلام دىنى
巴托尔德
bā tuō ěr dé
تارىخ
ۋ. بارتولد
巴尔托里德
bā ěr tuō lǐ dé
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.