Uyghurئاساسىي لۇغەت
بارناۋې
دۇنيا تارىخى
(1761 - 1793). فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى دەۋرىدىكى فېئوئىللانتچىلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئىنقىلابتىن بۇرۇن گرېنوبل پارلامېنتىنىڭ تەپتىشى بولغان.1789-يىلى ئۈچىنچى دەرىجىلىكلەر ۋەكىلى بولۇپ، ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقان خەلق پارلامېنتىنى تەشكىللەش سېتكا توپ مەيدانىدا قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، ئىپادىسى بىرقەدەر قەتئىي بولغان. بۈيۈك ئىنقىلاب باشلانغاندا پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلاردىن بولۇپ قالغان. لامېت، دۈپورتلار بىلەن بىرگە فېئوئىللانتىس كۇلۇبى قۇرۇپ، <ئۈچ تەرەپ ئىتتىپاقى> بولۇپ، ياكۇبىنچىلار بىلەن قارشىلاشقان ھەمدە ئورىدىكىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغان. 1791-يىلى 6-ئايدا كورۇل چەتكە قېچىپ تۇتۇلغاندىن كېيىن، خانلىق ھاكىمىيەتنى قوغداپ، ئىنقىلابنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 9-ئايدا، قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دائوپىنېغا قايتىپ، خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى بولغان. 1792-يىلى ئۇنىڭ خان ئوردىسىدىكى مەخپىي تۆمۈر ئىشكاپى سېزىلگەندىن كېيىن ئوردا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەدرىجىي ئاشكارىلىنىپ، قولغا ئېلىنىپ، كېيىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ئۇنىڭ <فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسى> دېگەن ئەسىرى بار.