Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
باردو شەرتنامىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى巴尔杜钉约
bā ěr dù dìng yuē
فرانسىيىنىڭ تۇنىسنى ئۆز ھامىيىلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىش شەرتنامىسى بولۇپ، باردو <تۈنىس شەھەر ئەتراپىدا( ئوردىسىدا ئىمزالانغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1881-يىلى 4-ئايدا فرانسىيە ئارمىيىسى تۇنىسقا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، 5-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇھەممەد سادىق )1859 - 1882-يىللىرى تەختتە تۇرغان( بەگنى بۇ شەرتنامىنى قوبۇل قىلىشقا قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغان، ئۇنىڭدا: فرانسىيە «ئامانلىقىنى ساقلاش» ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۇنىسنىڭ ھەر قانداق جايىنى ئىگىلەشكە ھوقۇقلۇق؛ تۇنىس ئالدى بىلەن فرانسىيە بىلەن كېڭەشمەي تۇرۇپ، دىپلوماتى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ؛ فرانسىيە باش ۋالىيسى مەسئۇل بولۇپ شەرتنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. 1956-يىلى 3-ئايدا تۇنىس مۇستەقىل بولغاندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
دائىرە: ئۇنىۋېرسال巴尔杜条约
bā ěr dù tiáo yuē
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.