Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
باراۋەرچىلەر كوممۇنىسى
دۇنيا تارىخى
平等者公社
píng děng zhě gōng shè
قەدىمكى سپارتا پۇقرا جەڭچىلىرى تەشكىل قىلغان كوممۇنا، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىركى Ⅷ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرگىچە مېسسېينيىنى ئىستېلا قىلىش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن، پۇقرالارنىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، قۇللار -ھېيلوتېسلار( غا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى <باراۋەرچىلەر> دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. دۆلەت ئىختىيارلىقىدىكى يەرلەر )ئۈلۈش يەر( دىن بەھرىمەن بولغان، ھېيلوتېسلار ئۇلار ئۈچۈن تېرىقچىلىق قىلغان. كوللېكتىپ تاماقلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كوللېكتىپ ھەربىي تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئەمەلىيەتتە، سپارتا كوممۇنىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا باراۋەرلىك بولغان ئەمەس، ئاز ساندىكى ئاقسۆڭەكلەر ئۈلۈش يەرلەرنىڭ سىرتىدىكى يەرلەرنىمۇ ئىگىلەپ، خېلى نۇرغۇن كۆچمە مۈلۈككە ئىگە بولۇۋېلىپ، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرلەرگىچە باراۋەرچىلەر كوممۇنىسىنىڭ ئەزالىرى )پۈتۈن ھوقۇقلۇق ئەزالار( تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەم بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرگە كەلگەندە ئەزالار 6 مىڭغىمۇ يەتمىگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە بولسا، سپارتا كوممۇنىسىدا باي - كەمبەغەللەر جىددىي بۆلۈنۈپ، يەرلەرنى قوشۇۋېلىش ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، سىياسىي ھوقۇققا ئىگە بولغان پۈتۈن ھوقۇقلۇق پۇقرالاردىن تەخمىنەن 700 دەك ئادەم قالغان. كوممۇنا تەدرىجىي پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن.