Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
باقتىچىلەر
دائىرە: دۇنيا تارىخى巴克提派
bā kè tí pài
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھىندى دىنىنىڭ مەزھىپى. <باقتى> نىڭ مەنىسى <تەقۋادار> بولغاچقا، يەن <تەقۋادارچىلار> دەپمۇ ئاتالغان. ⅩⅡ ئەسىردە جەنۇبىي ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر، راماناندا ئارقىلىق شىمالىي ھىندىستانغا تارقالغان. كابىر بۇ مەزھەپنىڭ ئەڭ مەشھۇر داھىيىسى. بۇ مەزھەپ ھىندى دىنىنىڭ ئېغىر مۇراسىمىغا ۋە تائىيە تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، ئىلاھ ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. مۇخلىسلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۆۋەن دەرىجىلىك تائىپىدىن بولغان قول سانائەتچىلەر ۋە ئۇششاق سودىگەرلەردىن ئىبارەت. شۇنىڭدەك ئىسلام دىنىي مۇرىتلىرىدىن قاتناشقانلارمۇ بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.