Uyghurئاساسىي لۇغەت
باقىلە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ياۋا ماشقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك. گۈلى
ئاق ياكى بىنەپشە رەڭدە كېلىدۇ، يىلتىز تۈگۈنىكى بولىدۇ، پۇرچاق دېنىدا تۈكچىلەر بولىدۇ، ئۇرۇقى ئادەتتە سېرىق بولۇپ، ئۇنى ئىستېمال
قىلىش، ماي تارتىش ۋە خىمىيە سانائىتىدە خام ئەشيا قىلىشقا بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا، پۈتۈن چۆپى ۋە مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ
قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ھەرخىل ئىششىقلار، ئاشقازان كېسەللىكلىرى، داغ، بەرەس، سۈيدۈك توسۇلۇش، ھەيز راۋان
بولماسلىق، ئىچى سۈرۈش ۋە ئۈچەي قۇرتلىرىنى داۋالاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 30 ~ 10 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
باقىلىنىڭ مېغىزىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى ئۆلتۈرىدۇ.
باقىلىنىڭ مېغىزىنى ئىششىق بار ئورۇنغا زىمداد قىلسا ئىششىق ياندۇرىدۇ.
باقىلە مېغىزىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىق، ئاشقازان كېسەللىكلىرى، داغ، بەرەس، سۈيدۈك توسۇلۇش،
ھەيز راۋان بولماسلىق، ئىچ سۈرۈش، ئۈچەيدىكى قۇرت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بوتانىكا
پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى چاسا شەكىللىك، ئىچى كاۋاك؛ گۈلى ئاق، يۈزىدە سۆسۈن رەڭلىك دېغى بار؛ قاسىراقلىق مېۋە تۇتىدۇ؛ ئۇرۇقىنى يېگىلى بولىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ياكى ئۇرۇقى؛ دادۇر.