Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
باپكارلار ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
手工纺织运动
shǒu gōng fǎng zhī yùn dòng
ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەنگىلىيە توقۇلما ماللىرىنى چەكلەش ھەرىكىتى بولۇپ، ھەمكارلاشماسلىق ھەركىتىنىڭ مۇھىم مەزمونى ئىدى. گەندى ۋە كونگېرىسلار پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلغان. ھىندىستان خەلقىنى ھەممە ئائىلىلەر باپكارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يەرلىك رەختلەرنى ئىشلىتىپ، ئەنگىلىيە چىتلىرىنى سېتىۋالماي، ئۆزلىرى ئىشلەپ چىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىرغان. بۇ ھەرىكەت پۈتۈن ھىندىستانغا كېڭىيىپ، ھىندىستاننىڭ مىللىي سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ھىندىستان خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتىشقا بەلگىلىك رول ئوينىغان.