Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
胞饮作用
بىئولوگىيە
ھۈجەيرىلەرنىڭ سۈمۈرۈش رولى
ھۈجەيرىلەرنىڭ پلازما پەردىسىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق سۇيۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىدىغان بىر خىل جەريان. سۇيۇق ھالەتتىكى ماددىلار بەزى ھۈجەيرىلەرنىڭ پەردىسىگە تېگىشكەندە، ئالدى بىلەن ھۈجەيرە پەردىسىدە پۈرمىسىمان يالغان پۇتلار ھاسىل بولىدۇ، ھەمدە كىچىك نەيچىلەر شەكىللىنىدۇ، يالغان پۇتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەۋرىنىشى بىلەن سۇيۇق ھالەتتىكى ماددىلار ئۈزلۈكسىز ھالدا كىچىك نەيچىلەرگە كىرىپ تۇرىدۇ، كىچىك نەيچىلەرنىڭ ئالدىنقى ئۇچىدىكى پلازما پەردىسى ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇپ، سىرتىدىن پلازما پەردىسى ئورىغان، ئىچىدە سۇيۇق ھالەتتىكى ماددىلار بولغان نۇرغۇنلىغان يۇتقۇچى كىچىك ۋاكۇئولىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. كىچىك ۋاكۇئولىلار تەدرىجىي ھالدا ھۈجەيرىنىڭ ئىكى قىسمىغا سۈرۈىدۇ. نۇرغۇنلىغان يۇتقۇچى كىچىك ۋاكۇلىلار دەسلەپكى ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسى بىلەن بىرىكىپ كۆپ ۋاكۇئولىلىق تەنچىسى ھاسىل قىلىپ، ئاستا - ئاستا ھەزىم قىلىنىپ، كېرەكسىز ماددىلار چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. ھۈجەيرىلەرنىڭ ئېرىشچان چوڭ مولېكۇلىلارنى سۈمۈرۈش رولى جانلىقلار تېنىدىكى بەزى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىشتىكى بىر خىل ئالاھىدە ئۇسۇلى بولۇشىمۇ مۇمكىن.