Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
胞衣
ئۇنىۋېرسال
bāo yī
ئەش، بالا ھەمرىيى
بىئولوگىيە
ئەش
<ھامىلىنى ئوراپ تۇرىدىغان پەردە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەم ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھامىلىدار (بوغاز) مەزگىلىدە باش سۈيى ۋە ھامىلە قاچىلىنىپ تۇرىدىغان خالتا بولۇپ، ئامنىئون پەردە، تىۋىتلىق پەردە ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. بالىياتقۇنىڭ ئىچكى دىۋارىغا جايلاشقان بولىدۇ. ئۇ ھامىلە دەۋرىدىكى مۇھىم قوشۇمچە ئورگان بولۇپ، ھامىلىنىڭ مېتابولىزمى ۋە بىخەتەرلىكىگە قارىتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۇغۇش ۋاقتىدا بالىياتقۇ ۋە قورساق دىۋارى مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىشى بىلەن ئەش پەردىسى يېرىلىپ باش سۈيى ئېقىپ چىقىدۇ، ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن، بال ھەمراھى بىلەن بىللە ئانا تېنىدىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.