Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
宝剑骑士团
دۇنيا تارىخى
خەنجەرۋاز رىتسارلار پولكى
گېرمانىيىنىڭ دىنىي خاراكتېردىكى فېئوداللىق ھەربىي تەشكىلاتى بولۇپ، 1202-يىلى رىم پاپاسى ئىننوسېن Ⅲ نىڭ قوللىشى ئارقىلىق قۇرۇلغان. رىتسارلارنىڭ ئاق رەڭلىك پىلاشلىرىنىڭ ئۈستىگە قىزىل رەڭلىك قىلىچ ۋە كرىست بەلگىسى سىزىلغانلىى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى خرىستىئان دىنىنى تارقىتىش نامى بىلەن بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى لىۋۇنىيە رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ يەرلەرنى بېسىۋالغان، يەرلىك خەلقنى قۇل قىلغان. 1234-يىلى نوۋگورود ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1236-يىلى سائۇلى (يەنى ھازىرقى لىتۋا تەۋەسىدە) جېڭىدە لىتۋالىقلار تەرىپىدىن يەنە مەغلۇپ قىلىنغان. 1237-يىلى قالدۇق قىسىملىرى تېۇتون رىتسارلىرىغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، لىۋۇنىيە رىتسارلار پولكى دەپ ئاتالغان.