Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
薄壁组织
باغۋەنچىلىك
báo bì zǔ zhī
نېپىز پوستلۇق توقۇلما، نېپىز دىۋارلىق توقۇلماDئورمانچىلىق
báo bì zǔ zhī
نېپىز پوستلۇق توقۇلماDئۆسۈملۈك
báo bì zǔ zhī
نېپىز پوستلۇق توقۇلماDئۇنىۋېرسال
báo bì zǔ zhī
پارېنخىما
بىئولوگىيە
نېپىز پوستلۇق توقۇلما
ئۆسۈملۈكلەر تېنى ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق يېتىلگەن توقۇلما بولۇپ، <ئاساسىي توقۇلما> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ھۈجەيرىلىرىدە ئادەتتە ھايات پروتوپلازما، نىسبەتەن چوڭ بولغان ۋاكۇلا ۋە نېپىز ھۈجەيرە پوستى بولىدۇ، مورفولوگىيىلىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىشىش دەرىجىسى نىسبەتەن تۆۋەن، يېتىلىشىنىڭ پلاستىنكىلىق خۇسۇسىيىتى نىسبەتەن زور بولىدۇ. ئۇ ئۆسۈملۈكنىڭ فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىش، نەپەسلىنىش، زاپاس ساقلاش ۋە ئاجرىتىپ چىقىرىش قاتارلىق ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسى. ئۇ ئىش تەقسىماتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەنكى تىپلارغا بۆلۈنىدۇ. تەركىبىدە خلوروپلاست بولۇپ فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدىغىنى ئاسسىمىلياتسىيە توقۇلمىسى ياكى فوتوسىنتېز توقۇلمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، يوپۇرماق گۆشى ۋە يېشىل غولنىڭ قوۋزاق قەۋىتى؛ تەركىبىدە ماددىلارنى زاپاس ساقلايدىغىنى زاپاس ساقلىغۇچى توقۇلما دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، تۈگۈنەك يىلتىز، تۈگۈنەك غول، مېۋە گۆشى ۋە ئۇرۇق قاتارلىق قىسىملاردىكى توقۇلمىلار؛ بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نېپىز پوستلۇق توقۇلمىسى ئالاھىدىلىشىپ ھۈجەيرىسى چوڭىيىپ زور مىقداردا سۇنى زاپاس ساقلايدىغان زاپاس ساقلىغۇچى توقۇلمىغا ئايلىنىدۇ، قۇرغاق مۇھىتقا ماسلىشىدۇ، مەسىلەن، كۆكمارال، كاكتۇس قاتارلىق كۆپ پلازمىلىق ئۆسۈملۈكلەر، سۇدا ياشىغۇچى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نېپىز پوستلۇق توقۇلمىسىدىكى ھۈجەيرىلەر ئارىلىقى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇ ئورۇندا ھاۋانى زاپاس ساقلاپ لەيلەش كۈچىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ھاۋانى توقۇلمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. نېپىز پوستلۇق توقۇلمىنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىش دەرىجىسى تۆۋەنرەك بولغاچقا، بۆلۈنۈش ئىقتىدارىنى ئاسان ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.