Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
鲍
بىئولوگىيە
سەدەپ قۇلۇلىسى
قورساق پۇتلۇقلار سىنىپىنىڭ ئالدىنقى ژابرالىقلار كەنجى سىنىپى، سەدەپ قۇلۇلىسى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ كالتسىيلىق، مۇستەھكەم قېلىن قۇلاقسىمان قاپچۇقى بولۇپ، قۇلۇلە قەۋىتى ئۈچ قەۋەت بولىدۇ. ياپىلاق كەلگەن قاپچۇق چوققىسى قاپچۇقىنىڭ ئوڭ - كەينى تەرىپىدە بولۇپ، سپىرال قىسمىنىڭ ئىزىلا قالغان، قۇلۇلە تەن قەۋىتى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، قاپچۇقىنىڭ ھەممە قىسمىنى دېگۈدەك ئىگىلەيدۇ. قاپچۇقىنىڭ سىرتقى گىرۋىكىدە چوققىدىن قاپچۇق ئاغزىغىچە بارغانسېرى چوڭىيىپ بارغان بىر قاتار ئۆسۈكچىلىرى بولۇپ، ئېغىز تەرەپتىكى بىر قىسىم ئۆسۈكچىلەرنىڭ قاپچۇق تۆشۈكى دېيىلىدىغان تۆشۈكلىرى ئارقىلىق سىرتقى مۇھىت بىلەن تۇتىشىدۇ. ھايات كەچۈرۈپ ھەرىكەتلەنگەن ۋاقتىدا سېزىش بارماقچىلىرى قاپچۇق تۆشۈكلىرىدىن ئۇزىراپ چىقىدۇ. قاپچۇق تۆشۈكلىرى شۇنداقلا يەنە چىقىرىۋېتىش، كۆپىيىش ۋە نەپەسلىنىش تۆشۈك يولى ھېسابلىنىدۇ، پوستى بولمايدۇ. قورساق پۇتى ئالاھىدە چوڭ قېلىن، تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، ناھايىتى كەڭ تارقالغان، سۇ ئېقىنى شىددەتلىك، دېڭىز يۈسۈنلىرى ئاينىپ ئۆسكەن قىيا تاشلىق جايلاردا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۈندۈزى يوشۇرۇنۇپ، كېچىسى ھەرىكەتلىنىدۇ؛ قوڭۇر يۈسۈن، قىزىل يۈسۈن قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى ھەممە جايلاردىن تېپىلىدۇ ۋە مەشھۇر ئىستېمال قىلىنىدىغان تۈر ھېسابلىنىدۇ، بۇرۇندىن تارتىپلا <سەككىز ئېسىل> نىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، دېڭىز نازۇ - نېمىتى دەپ قارىلىپ كەلگەن، ھۆل - يېڭى پېتى يېيىشكىمۇ ياكى قۇرۇتۇپ تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. قاپچۇقى جۇڭگوچە دورا قىلىنىپ، <سەدەپ> دېيىلىدۇ، ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساشقىمۇ بولىدۇ.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
bào
بوۋDئۇنىۋېرسال
bào
تۇزلانغان بېلىق
سەدەپ
باۋ )فامىلە(