Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بانتېن خەلق قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
万丹人民起义
wàn dān rén mín qǐ yì
ⅩⅧ ئەسىردە ياۋا ئارىلىدىكى بانتېن خەلقىنىڭ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىغا قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلىڭى. 1750-يىلى بانتېن خەلقى ئىسلام دىنى ئۆلىماسى كجاي تاپانىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، بانتېن خانىكسى پاتىمەنىڭ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ۋەلئەھدنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كۈيئوغلىنى قوشۇن خانىكىنىڭ ئارمىيىسىنى يېڭىپ، ياردەمگە كەلگەن گوللاندىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنىنى يوقاتقان، گوللاندىيىنىڭ بانتېن تەۋەسىدىكى قورغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغان ھەمدە جەنۇبىي بانتېندا ھاكىمىيەت قۇرغان. يامان ۋەزىيەتنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن، شەرقىي ھىندىستان شىركىتى پاتىمەنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، مەرھۇم سۇلتاننىڭ ئىنىسىنى نايىپ قىلغان. بىراق قوزغىلاڭچى قوشۇن ھىمايە قىلىپ تۇرغۇزغان بۇئاڭنىڭ سۇلتانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن داۋاملىق جەڭ قىلىپ، باداۋىينى قورشىۋالغان. گوللاندىيە ئوتتۇرا ياۋادىن قوشۇن يۆتكەپ مۇھاسىردىن قۇتۇلغان ھەمدە قوزغىلاڭچى قوشۇننى مەغلۇپ قىلغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن لامپاڭ بوگور، باندوڭدا يۆتكىلىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلىشقا مەجبور بولغان. ئاخىرىدا ماتارامغا چېكىنىپ كەتكەن.