Uyghurئاساسىي لۇغەت
بانجېرماسىن
دۇنيا تارىخى
قىسقارتىلىپ ماسىنمۇ دېيىلىدۇ. ھازىر ماچىن دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. قەدىمكى بەگلىك. ئورنى كالىمانتان ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا. ⅩⅡ ئەسىردە بەگلىك بولۇپ قۇرۇلغان. ⅩⅣ ئەسىردە مادجاپاھىت بەگلىكىگە ئىتائەت قىلغان. دەسلىپىدە ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋادىكى دېماك بەگلىكىگە تەۋە بولغاندىن كېيىن ئىسلام دىنى تەدرىجىي ھالدا ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدامۇستەقىل بولۇپ، سۇلتانلىق قۇرۇلغان، بىر مەزگىل كالىمانتاننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى بەزى يەرلەرنى بېسىۋالغان.
ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە باشلىغان، پايتەخت ماسىن ئاياغ ئاستى قىلىنغان، كېيىن گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تالاش تارتىشتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭسىز شەرتنامىگە ئىمزا قويۇپ، ئۇنىڭغا بولغان كونتروللۇقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن، 1787-يىلى، گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ بېقىندىسى بولۇپ قالغان. 1859-يىلى ماچىن سۇلتانلىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ زېمىنى بىۋاستە گوللاندىيە مۇستەملىكىچى دائىرلىرىنىڭ قارىمىقىدا بولغان.