Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
绑架法案
دۇنيا تارىخى
ئەپقېچىش قانۇنى
1872 - يىلى ئەنگلىيە ئېلان قىلغان تىنچ ئوكيان ئاراللىرىدكى يەرلىكلەرنى قوغداش قانۇنى. ⅨⅩ ئەسرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ياۋرۇپا مۇستەملىكىچىلىرى زورلۇق ۋە ئالدامچىلىق ۋاستىلىرى بىلەن، تىنچ ئوكياننىڭ بەزى ئاراللىرىدىكى يەرلىك ئاھالىنى ئاۋسترالىيىگە ئاپىرىپ توختاملىق ئشچى قىلىپ ساتقان. قۇل ساتقۇچىلارنىڭ يەرلىكلەرگە قىلغان ئادەم قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىسى جامائەتچىلىكىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننى نائىلاج ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە پاراخوتلىرىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئاۋسترالىيىدە تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسىنىڭ رۇخسىتىسىز يەرلىك ئەمگەكچىلەرنى توشۇپ سېتىش ھەرىكىتىگە قاتناشماسلىقى، شىكايەتتە يەرلىكلەر تەمىنلىگەن دەلىل - ئىسپاتلارنى سوتنىڭ ئېتراپ قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. لېكىن بۇ قانۇن قۇل ساتقۇچىلارنىڭ يەرلىك ئەمگەكچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشىنى توسۇيالمىغان.