Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伴孢晶体
بىئولوگىيە
سپورىغا ئەگەشكەن كرىستال
دەسلەپتە سۇرىنگىن تاياقچە باكتېرىيىسىدىن تېپىلغان بىر خىل كرىستاللىق ئىچكى توكسىن. بۇ خىل ئچىكى توكسىن سۇرىنگىن تاياقچە باكتېرىيىسى ئۆسۈشنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە بىخ سپورىنىڭ پەيدا بولۇش جەريانىغا ئەگىشىپ ھاسىل بولىدىغان بىر خىل رومبا شەكىللىك ياكى باشقا شەكىللىك ئاقسىل كرىستالى بولۇپ، ستوپلازمىنىڭ ئىچىگە جايلىشىدۇ. ئۇنىڭ تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشاراتلارنىڭ لىچىنكىسىنى زەھەرلەش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك، پىلە قۇرتىنىمۇ زەھەرلەيدۇ، ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ھازىر سۇرىنگىن تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن باشقا سپورىغا ئەگەشكەن كرىستاللىق باكتېرىيىلەر كەڭ كۆلەمدە باكتېرىيە ئارقىلىق ھاشارات يوقىتىشتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان باكتېرىيە ئۇرۇقى بولۇپ قالدى.