Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بالتىمور
ئۇنىۋېرسال,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
巴尔的摩
bā ěr de mó
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر巴尔的磨
bā ěr de mó
ئا ق ش نىڭ شەرقىدىكى مارىلاند شتاتىنىڭ مۇھىم پورت شەھىرى بولۇپ، چېسانكى قولتۇقىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى پاتوپوس دەريا بويىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 800 مىڭغا يېتىدۇ، شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 2 مىليون 200 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، ئاھالىسىنىڭ 40% نى نېگىرلار تەشكىل قىلىدۇ. بۇ شەھەر 1729 - يىلى سېلىنغان. ھازىر ئا ق ش بويىچە مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بېرى، پورتنىڭ ماللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىدىن قارىغاندا ئا ق ش بويىچە ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بالتىمور پورتى ئارقىلىق كۆمۈر، كوكس، ئاشلىق، پولات ماتېرىياللىرى، يەم - خەشەك، مىس قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. تۆمۈر رۇدىسى، نېفىت، شېكەر، گۈڭگۈرت، خام ئەشيا قاتارلىقىلار ئىمپورت قىلىنىدۇ. بالتىمور شەھىرىنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە چوڭ تىپتىكى پولات - تۆمۈر، رەڭلىك مېتال، كېمىسازلىق، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، خىمىيە، نېفىت قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە 1876 - يىلى قۇرۇلغان خوپكىنىسكى داشۆسى بىلەنمارىلاند داشۆسى مەشھۇر ئورۇندا تۇرىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.