Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بالتا - لىمان كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
巴尔塔一利曼协定
bā ěr tǎ yī lì màn xié dìng
تۈركىيە بىلەن روسىيە ئىمزالىغان مولداۋىيە بىلەن ۋالاخىيە ئىككى كىنەزلىكنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى كېلىشىم. 1848-يىلى 8-ئايدا روسىيە ئەسكەر چىقىرىپ، مولداۋىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغان. 8-ئايدا بۇخارستتا تۈركىيە قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىپ بىرلىكتە ۋالاخىيىگە بېسىپ كىرگەن، 9-ئايدا روسىيە بىلەن تۈركىيە ئىتتىپاق تۈزگەن. 1849-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى مېتىروپولىيە تۈركىيە بىلەن ئۆزىنى ھىمايىچى دۆلەت دەۋالغان روسىيە ئىستانبۇل ئەتراپىدىكى بالتا - لېماندا كېلىشىم ئىمزالىغان. كېلىشىمدە ئىككى دۆلەت قوشۇنلىرى مولداۋىيە ۋە ۋالاخىيىدە تۇرۇپ، <ھەرقانداق قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىنى باستۇرىدۇ>، رومىنىيىدىكى كىنەزلىكلەرگە بولغان ئىشغالىيەت 1851-يىلىغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇلىدۇ؛ كىنەزلىك كونسۇللىرىنى پومېشچىك (ئاقسۆڭەكلەر) سايلاش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۈركىيە سۇلتانى بىلەن روسىيە چار پادىشاھى مەسلىھەت بىلەن تەيىنلەشكە ئۆزگەرتىلىدۇ ھەمدە روسىيىنىڭ دوناي دەرياسى بويىدىكى ھەرقايسى كىنەزلىكلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈك ئورنى بېكىتىلىدۇ، دېيىلگەن.