Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بالىش
تارىخ
元宝
yuán bǎo
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
巴里石, 锭
bā lǐ shí , dìng
بالىش - پارسچە كۈمۈش پۇل بىرلىكىنىڭ نامى. ئۇ پارس تىلىدا <ياستۇق> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل پۇلنىڭ شەكلى ياستۇققا ئوخشىتىپ قۇيۇلغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن <ئۇيغۇر مەھكىمىسىنىڭ خەت - چەكلىرى> <回回馆杂字> دېگەن كىتابتىكى سۆزلۈكلەرگە بېرىلگەن ئىزاھتا: (balish) 把力石 - ياستۇق دېگەنلىك. جۇڭگونىڭ كۈمۈش پۇلى بولغان <دىڭ> (锭) شەكلى ياستۇققا ئۇخشىغانلىقتىن <كۈكۈش ياستۇق> دېگەن مەنىدىمۇ كېلىپ، 50 سەر بىر <دىڭ> كۈمۈشكە باراۋەر كېلىدۇ. يۈەن دەۋرىدىكى پارسچە يازما ماتېرىياللاردا كۈمۈش توغرۇلۇق سۆزلەنگەندە <بالىش> بىرلىك قىلىنغان. بىر بالىش - جۇڭگونىڭ بىر دىڭ كۈمۈشىگە باراۋەر كېلىدۇ< دېيىلگەن (>ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلمى ژۇرنىلى<، 5 - سان، 270 - بەت).
>چاغاتايچە لۇغەت< تە: >ئالتۇن بالىش 2000 دىنار، كۈمۈش بالىش 200 دىنار بولىدۇ< دېيىلگەن. راشىدىننىڭ >تارىخىي ئومۇمىيە< ناملىق ئەسىرىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىگە بېرىلگەن ئىزاھتا: >بىر قەغەز بالىش 10 دىنارغا باراۋەر< دېيىلگەن. >تارىخىي رەشىدى< نىڭ مۇئەللىپى >بالىش ئوتتۇرىسى ئويمان، خىش شەكلىدە قۇيۇلغان، بىر بالىش 500 (كۈمۈش) مىسقالغا تەڭ< دەيدۇ (مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر: >ئوتتۇرا ئاسىيا موغۇل تارىخى< >خەنزۇچە<، 149 - بەت).