Uyghurئاساسىي لۇغەت
بالاⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق:[مىسال:] بالىنى ئېمىتمەك. بالىسىغا ئەمچەك سالماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاتا-ئانىسىغا نىسبەتەن قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنت:[مىسال:] مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بويىغا يەتمىگەن ئادەم؛ ياش:[مىسال:] قىز بالا. ئوغۇل بالا. * ئادەمنىڭ مېۋىسى-بالا (ماقال).[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېشى چوڭ بولسىمۇ گۆدەكلەرچە ئىش، قىلىقلارنى قىلىدىغان؛ نادان:[مىسال:] بالا، قىلغان ئىشىڭ چالا (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىچىك، ياش:[مىسال:] بالا ئىشچى. بالا پادىشاھ.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېڭى تۇغۇلغان كىچىك ھايۋان ياكى تۇخۇمدىن چىققان قۇش:[مىسال:] قاغا بالام ئاپئاق دەيدۇ، كىرپە بالام يۇمشاق دەيدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر تۈردىكى چوڭ-كىچىك نەرسىلەرنىڭ كىچىكى:[مىسال:] بالا مەش. بالا توقاچ. بالا يەڭ. بالا تام.