Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
باكتېرىيە ۋاكسىنىسى
بىئولوگىيە
菌苗
jūnmiáo
كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملاردىن ياسالغان بىئولوگىيىلىك ياسالما. ئۇنى ئادەم ياكى ھايۋانغا ئوكۇل قىلغاندىن كېيىن ئورگانىزمدا ئۆزگىچىلىكى بولغان ئىممۇنىتېت كۈچى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ ئۆلۈك باكتېرىيە ۋاكسىنىسى ۋە زەھىرى تۆۋەنلىتىلگەن تىرىك باكتېرىيە ۋاكسىنىسىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسى باكتېرىيىنى خىمىيىلىك ياكى فىزىكىلىق ئۇسۇلدا ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ياسىلىدۇ. مەسىلەن، كۆكيۆتەل، كېزىك، پاراتىف باكتېرىيە ۋاكسىنىسى قاتارلىقلار؛ كېيىنكىسى زەھىرى تۆۋەنلىتىلگەن باكتېرىيە ياكى زەھەرسىز باكتېرىيىدىن ياسىلىدۇ. مەسىلەن، كالمېت - گۋېرىن ۋاكسىنىسى. باكتېرىيە ۋاكسىنىسى ئاساسەن سۈنئىي ئاكتىپ ئىممۇنىتېت ئارقىلىق ماس ھالدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بەزىدە يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدىن ئايرىپ ئېلىنغان باكتېرىيىدىن ياسالغان ئۆز بەدەن باكتېرىيە ۋاكسىنىسىمۇ داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئالتۇنرەڭ ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاستا خاراكتېرلىك چىقاننى داۋالاش.