Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
باكترىيە
دۇنيا تارىخى
大夏
dà xià
گرېتسىيە - باكترىيە پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جۇڭگونىڭ <سۈينامە>، <شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى> ۋە كونا، يېڭى <تاڭنامە> لىرىدە <تۇخار> دېيىلگەن، <ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربي يۇرت خاتىرىسى> دە: <توخرى> دېيىلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت بولۇپ، ھىندىقۇش تېغى بىلەن ئامۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى (بۈگۈنكى ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسمى) نىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئاھالىلەر ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىكى ئىران تىل تۈركۈمىگە كىرىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلاپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسى بولغان. مىلادىدىن 329 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيە پادىشاھى ئالېكساندر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. كېيىن سېلېئۇكىيە پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان، تەخمىنەن مىلادىدىن 250 يىل ئىلگىرى باش نازارەتچى دىئودوتوس پادىشاھ بولۇۋېلىپ دۆلەت قۇرغان، باكترا پايتەخت قىلپ بېكىتىلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئېئۇتيدېموسنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىككى تەرەپ سۈلھ شەرتنامە تۈزۈشكەن، شەرتنامىدە باكترىيە سېلېئۇكىيىنىڭ قارىمىقىدىكى دۆلەت دەپ بەلگىلەنگەن. دېمېترىئۇس تەختتە تۇرغان مزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا)، زېمىنى ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىغىچە كېڭەيتىلگەن، بۇ چاغ پادىشاھلىقنىڭ قۇدرەت تاپقان دەۋرى ئىدى. مىلادىدىن 175-يىل ئىلگىرى دېمېترىئۇس قەبىلىسىدىكى سەركەردە ئۇكراتىدېس ئۆزى خان بولۇۋېلىپ، زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلىۋالغاندىن كېيىن، دۆلەت بۆلۈنۈپ خارابلىشىپ كەتكەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 140 - 130 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا، توخرىيلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە يەپتاللار (ئىفتالىتلار)، تۈركلەرگە بېقىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردە ئەرەبلەر تەرىپىدىن يوقىتىلغان. باكترىيە شەرق بىلەن غەربنىڭ قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقتىن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە ئۇنىڭ تەۋەسىدە گرېتسىيە، ھىندىستان ۋە جۇڭگونىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان.