Uyghurئاساسىي لۇغەت
باكتېرىيىدىن پايدىلىنىپ مېتال تاۋلاش
بىئولوگىيە
<باكتېرىيە ئارقىلىق دورا نەملەش، نەملەپ مېتال تاۋلاش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزى مىكرو ئورگانىزملار (مەسىلەن، گۈڭگۈرتنى ئوكسىدلايدىغان گۈڭگۈرت تاياقچە باكتېرىيىسى، تۆمۈرنى ئوكسىدلايدىغان گۈڭگۈرت تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلار) نىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، رودا تەركىبىدىكى كېرەكلىك مېتالنى ئېرىتىپ، ئېرىتمىدىن ئېھتىياجلىق بولغان مېتالنى ئايرىپ ئالىدىغان بىر خىل مېتال تاۋلاش ھۈنەر - سەنئىتى. باكتېرىيىدىن پايدىلىنىپ مېتال تاۋلاش ئەڭ بۇرۇن جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگو بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ مىس تاۋلىغان، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۇسۇل سۇغا مىس چىلاش دەپ ئاتالغان. بۇ ئۇسۇلغا كېتىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئاددىي، مەشغۇلاتى ئاسان، تەننەرخى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىكلەرگە ئىگە، بولۇپمۇ تەركىبىدە مېتال ئاز بولغان رودا، قالدۇق رودا ھەمدە ئوتتا تاۋلانغان رودا قالدۇقلىرى ياكى داشقال تەركىبىدىكى مېتاللارنى يىغىۋېلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ھازىر دۇنيادا باكتېرىيىدىن پايدىلىنىپ مېتال تاۋلاش ئارقىلىق يىغىۋېلىنىدىغان رەڭلىك مېتال ۋە ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللاردىن مىس، سىنىك، قوغۇشۇن، نىكېل، كوبالىت، مانگان، ۋىسمۇت، مولبىدېن، كۈمۈش، ئالتۇن، ئارسىن، ۋانادىي، گاللىي، ئىندىي قاتارلىقلار بار.