Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
باكامو
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر巴马科
bā mǎ kē
مالى جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. باماكو شەھىرى نېگىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، شەھەر ئاھالىسى 500 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981)، شەھەرنىڭ يېنىغا كورۇبا تېغى جايلاشقان، شەھەر كوچىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ماڭگو دەرىخى ئۆستۈرۈلگەن. شەھەردە ماشىنا رېمونت قىلىش، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، نەققاشچىلىق، پەرداز بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. باماكو شەھىرىگە مالىيىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى يىغىلىپ باشقا ئورۇنلارغا تارقىتىلىدۇ. باماكو شەھىرى تۆمۈريول ئارقىلىق سېنېگالنىڭ پايتەختى داكار شەھىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. تاشيوللار ئارقىلىق ماۋرىتانىيە، بۇركىنافاسو، گۋېنىيىلەر بىلەن تۇتىشىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.