Uyghurئاساسىي لۇغەت
باجى رائو
دۇنيا تارىخى
(؟ـ1853) ھىندىستاندىكى مارات بەگلىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمدارى (1796-1818).1802-يىلى بەلگىلىك ئىچىدىكى ھەرقايسى كىنەزلەرنىڭ كۈرىشىدە مەغلۇپ بولۇپ، باسېنغا قېچىپ بېرىپ، ئەنگىلىيىلىكلەردىن پاناھلىق سورىغان ھەمدە <باسېن شەرتنامىسى> (<پۇل ياردەم قىلىش شەرتنامىسى>)نى ئىمزالىغان. ئەنگىلىيىنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇشىنى قوبۇل قىلىپ،2 مىليون 600 مىڭ رۇپىيە تاپاۋەت بولىدىغان ناھىيە رايونلارنى شۇ ئەسكەرلەرنى بېقىشقا ئاجرىتىپ بەرگەن ھەمدە شۇ ئارقىلىق پۇنادىكى نامدا بار ھۆكۈمرانلىقنى قولغا كىرگۈزگەن، كېيىن ئەنگلىيەنىڭ تىزگىنلىشىگە چىدىماي، 1817-يىلى 11-ئايدا ئەنگىلىيەگە قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان (ئۈچۈنچى قېتىملىق مارات ئۇرۇشى).ئىككىنچى يىلى كوراگان ۋە ئاشتىدا بولغان ئىككى قېتىملىق جەڭدە ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، تەسلىم بولغان، كېيىن ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، كەنپۈر ئەتراپىدىكى بىتۇردا نەزەربەند قىلىنىپ، تەمىنات ئېلىپ ئۆمرىنى ئۆتكۈزگەن.