Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
巴加拉人
ئۇنىۋېرسال
bā jiā lā rén
باگگارالار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
باقاررالار
باقاررالار <باغغارالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، باقاررالاr نۇبىيە ۋە شەرقىي سۇدان رايونىدا كالا باقمىچىلىقى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بەدىئىىنلار ئەۋلادىنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى 5 مىليوندىن كۆپرەك.
باقاررالار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ ھام - سام تىللىرى سىستېمسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
باقاررالار باتاخىن، گائالىئىن، خامار، كابابىش قاتارلىق 20 نەچچە قەبىلە - قوۋمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئاساسەن ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىر قىسمى كالا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
گائالىئىنلارنىڭ تەكتى نوبىيىلىك بولۇپ، Ⅹ KG-*2 Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە سىياسىي مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن جەنۇبقا كۆچۈپ، ھازىرقى سۇداندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بىراق تەقى - تۇرقى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى قاتارلىق جەھەتتە يەنىلا نوبىيىلىكلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. كابابىشلار سۇداننىڭ كوردوفان ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلار خاۋاۋىر، كېۋرىئات قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ، ئەرەب تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
كابابىشلار سۇداندىكى بەنى سۇلايىم قەبىلىلىرىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇلار Ⅺ ئەسىرلەردە ھازىرقى ئولتۇراقلاشقان ماكانىغا كۆچۈپ كېلىپ، يەرلىك نېگىرلار ۋە نوبىيىلىكلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئاخىرى سۇداندىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇلار ئاساسەن تۆگە باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش، مەدەنىيەت جەھەتتە بەدىئىنلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قالغان. ئۇلار ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلدۇرىدۇ، يىگىت نىكاھلانغاندىن كېيىن قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ، ئولتۇراق جايلىرى ئاساسەن كالا تېرىسىدىن ياسالغان چېدىرلاردىن ئىبارەت.
دۇنيادىكى مىللەتلەر
باگگارالار
باگگارالار سۇداندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 150 مىڭ.
باگگارالار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي تىل يېزىقى بار.
باگگارالار ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، باگگارالار ئەسلى بەنى - سۇلايىملارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، Ⅺ ئەسىرلەردە ھازىرقى سۇداننىڭ كوردوفان ۋە دالغۇل ئۆلكىلىرى ئەتراپىدىكى سازلىق جايلارغا كۆچۈپ كېلىپ كالا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.